مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

10 نەپەر ئىدارە دەرىجىلىك كادىر سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ تەكشۈرۈلدى

2019.06.14 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تۈنۈگۈن ئالدىنقى 5 ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، 158 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تىزىملىك ئىدارە دەرىجىلىك 10 كادىر ۋە باشقارما دەرىجىلىك 44 كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنە 47 كىشىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدىكى سوۋغات ۋە سوۋغات پۇلى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئۇنداقلارنىڭ دېلوغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان.

  مۇخبىر يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلغانكى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئۇ 158 كىشى ئىچىدە، 147 كىشىگە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، ئۇ 158 كىشى توققۇز چوڭ مەسىلىگە چېتىلىدىكەن، 47 كىشى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلغان، 30 كىشى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق پۇلىنى قوبۇل قىلغان، 23 كىشى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خىزمەت ماشىنىسى سەپلىگەن ۋە ئىشلەتكەن، 14 كىشى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچكەن، 10 كىشى ھۆكۈمەت پۇلىغا دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلغان، 22 كىشىنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپىتى ۋە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان دېگەندەك مەسىلىسى بار ئىكەن. بەزى رەھبىرىي كادىرلاردا يەنە تۇرالغۇ جايىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىشنى تەمىنلەش ياكى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي سورۇنغا بېرىش مەسىلىسى، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ