مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ دۇنيا ساغلاملىق مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.06.12 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ دۇنيا ساغلاملىق مۇنبىرى يىغىنى چىڭداۋدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەممە ئادەم ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولۇش، بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. ئۇ ھەم شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، 2030- يىلىغىچە بولغان سىجىلچان تەرەققىياتنىڭ قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىزچىل تۈردە كۈچ چىقىرىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر مۇھىم تىرىشچانلىق ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى ۋە ئورتاق تونۇشىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆرنەك ئېلىشىپ، دۇنيا ساغلاملىق ئىشلىرى ۋە ساغلاملىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى بەختى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ