مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى

2019.06.13 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» قاتارلىق 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مۇھىم ھۆججەتلىرىنىڭ يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرجىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىدىكى تور بېكىتى ئارقىلىق پۈتۈن تورغا ئېلان قىلدى.

  ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىگە ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» نىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىنى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، يىزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا تەرجىمە قىلدى. بۇ ھۆججەتلەر گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»ى ھەمدە «2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»، «2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» قاتارلىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەملىكەتلىك ئالاقە تور بېكەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ پارتىيە قۇرۇلتىيى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەتتە خىل ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى تولۇق قاپلىغان تور بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى PC تورى ۋە كۆچمە تېرمىنال تور بېتى ھەمدە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق يۇقىرىقى مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈشىگە قولايلىق ياراتتى. تۇنجى تۈركۈمدە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نىڭ يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى، باشقا ھۆججەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

  قوشۇمچە:

  2019-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى:

  موڭغۇلچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»

  زاڭزۇچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»

  ئۇيغۇرچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»

  قازاقچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»

  چاۋشيەنچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»

  يىزۇچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»

  جۇاڭزۇچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ