باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

— 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.05.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

  — 2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

  ۋەكىللەر:

  ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  1. 2018-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

  ئۆتكەن بىر يىل — پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان تۇنجى يىل. دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا كۆپ يىللاردىن بېرى كەم كۆرۈلگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ئىقتىسادتا يېڭىدىن تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى كۆرۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يېڭى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق.

  — ئىقتىساد مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈپ باردى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.6 ئېشىپ، ئومۇمىي مىقدارى 90 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى توك ئىشلىتىش، يۈك تىرانسىپورتى قاتارلىقلارنىڭ ماددىي بۇيۇم مىقدار كۆرسەتكۈچى بىلەن لايىقلاشتى. ئاھالە ئىستېمالىنىڭ باھاسى %2.1 ئۆرلىدى. خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى. شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 610 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئەتراپىدىكى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە مۇقىم تۇردى. ئاز كەم 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەلگە ئاشتى.

  — ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيدى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۆھپە نىسبىتى %60كە يېقىنلاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بىلەن جابدۇق ياسمىچىلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئادەتتىكى سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى، يېزا ئىگىلىكىدە يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتى %3.1 تۆۋەنلىدى. سۈپەت ۋە ئۈنۈم داۋاملىق ئۆستى.

  — تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى تېز يېتىلدى. چاڭئې 4-نومۇر قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى بىر تۈركۈم زور نەتىجىلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر ئالغا سۈرۈلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 18 مىڭدىن، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. يېڭى قۇۋۋەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

  — ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، بازار ئىجازىتىدە پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ئىسلاھاتنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سودا مۇھىتىنىڭ خەلقئارا رەت تەرتىپى زور دەرىجىدە ئۆستى. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى. مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 30 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 138 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە مۇقىم ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  — ئۈچ چوڭ جەڭ ياخشى باشلاندى. زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ئۇ پەسەيتىلدى. ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى تۇراقلىشىشقا يۈزلەندى، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىشى كۈچلۈك ئالغا سۈرۈلۈپ، يېزىلاردا 13 مىليون 860 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايدى، 2 مىليون 800 مىڭ نامرات ئاھالە كۆچۈرۈلۈپ يۆلەندى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كۈچەيتىلدى، ئۇششاق دانچىلەر (PM2.5) نىڭ قويۇقلۇقى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  — خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %6.5 نەق ئاشتى. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى، باج ئېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان قوشۇمچە ئالتە تۈر تەسىس قىلىندى. ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش قاتارلىقلارنىڭ كاپالەت سالمىقى ئاشۇرۇلدى، ھەر خىل مەكتەپلەردە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئاز كەم 100 مىليون ئادەم قېتىم ياردەم بېرىلدى. كەپە ئۆي رايونىدا 6 مىليون 200 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي ئۆزگەرتىپ سېلىندى، يېزىلاردا 1 مىليون 900 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى.

  بىز ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە ئاداققىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان، ئىشىكنى ئېچىۋېتىدىغان قەتئىي ئىرادىمىزنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يەنە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردۇق.

  ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى. بىز چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان تاشقى مۇھىتقا دۇچ كەلدۇق. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلدى، كۆپ تەرەپچىلىك زەربىگە ئۇچرىدى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا بولدى، بولۇپمۇ جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى بەزى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا، تىجارىتىگە ۋە بازار كۆزلىمىسىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. بىز ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق گەۋدىلەنگەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. كونا-يېڭى زىددىيەتلەر ۋە دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگەردى، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. بىز ئىككىدىن بىرنى، كۆپتىن بىرنى تاللايدىغان قىيىن مەسىلىلەر كۆپىيىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدۇق. مۇقىم ئاشۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق نىشانغا يېتىشتە، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتا ۋە كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلار بىلەن يىراق كەلگۈسىدىكى ئىشلار قاتارلىق كۆپ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشتا سىياسەتنى تاللاش ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرۈنەرلىك قىيىنلىشىپ كەتتى. مەملىكەت بويىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز يۇقىرى ئاساس سان ئاساسىدا ئومۇمەن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتتە مۇقىملىق ساقلاندى. بۇ ھال جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى، خەۋپ-خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭەلەيدىغان جاسارەتكە، ئەقىل-پاراسەتكە ۋە كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، پۇل مۇئامىلىنى، تاشقى سودىنى، تاشقى مەبلەغنى، سېلىنمىنى ۋە كۆزلىمىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

  بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم يۈرۈشتۈرۈپ باردۇق. يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىش ئالدىدا، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» پەدىسىدە كۈچلۈك قوزغىتىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماي، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دائىرىلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تەڭشەش ۋە مىكرولۇق تەڭشەش يولىنى تۇتتۇق. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە كۈچىدۇق. قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، باجدا ئېتىبار بېرىلىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، تەتقىقات-يارىتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان باج سىياسىتىنى چىقاردۇق. پۈتۈن بىر يىلدا كارخانا ۋە شەخسلەردىن ئېلىنىدىغان باج ۋە ھەقنى تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن ئازايتتۇق. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مالىيە زاپاس مەبلىغىنى جانلاندۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە قىلىنىدىغان چىقىمغا كاپالەتلىك قىلدۇق. پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىشكە يېتەكلىدۇق. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 قېتىم تۆۋەنلەتتۇق، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پۇقراۋى كارخانا ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ قىسچىلىقىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ئۆرلەپ كېتىش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلىدۇق. پاي بازىرى ۋە زايوم بازىرىدىكى نورمالسىز داۋالغۇشقا ۋاقتىدا تاقابىل تۇردۇق، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىندى.

  ئىككىنچى، ئۈچ چوڭ جەڭنى پۇختا قىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئىجابىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتۇق ۋە تەرتىپلىك يولغا قويدۇق. پىشاڭنى قۇرۇلمىلىق تۈگىتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ-خەتەرنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق ۋە ئۇنى كونترول قىلدۇق، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، ساپ تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. ئېنېرگىيە ۋە تىرانسىپورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدۇق. شىمالىي رايونلاردا «كۆمۈر ئورنىغا گاز ئىشلىتىش»، «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش»نى سالماقلىق بىلەن ئالغا سۈردۇق. دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتۇق. خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىنى تۆۋەنلەتتۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتىكى تەكشۈرۈش-قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتۇق. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن تاقابىل تۇردۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر