مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى سىرەك يەر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2019.05.29 15:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20 -كۈنى جياڭشىنىڭ گەنجۇدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، سىرەك يەرگە ئالاقىدار كارخانىلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سىرەك يەر كەسپىنىڭ يېشىل ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى . باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگونىڭ سىرەك يەر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدىكى قىزغىن مۇھاكىمىسىنى قوغىدى.دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى سىرەك يەر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى .

  بۇ مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : جياڭشى ئوتتۇرا رايوندىكى نۇقتىلىق ئۆلكە . گەنجۇ تۇرۇشلۇق جەنۇبىي جياڭشى رايونى ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىغا تەۋە بولۇپ ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۆشۈكى ۋە سوۋېت رايونى روھىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ . لېكىن كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، جەنۇبىي جياڭشى قاتارلىق سابىق مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۇزاقتىن بۇيان نىسبەتەن ئارقىدا قالغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى . باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا گەنجۇنى بىرىنچى بېكەت قىلىپ،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گەنجۇ خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ ، گەنجۇ قاتارلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى .

  باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنجۇغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ، مەخسۇس جياڭشى جىنلىيوڭ ماگنىت شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سىرەك يەر كەسپىنىڭ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز دۇنيادىكى تۇنجى سىرەك يەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتى ، نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر سىرەك يەر ئېھتىياجى چوڭ دۆلەتلەر. گەنجۇدىكى ئېغىر سىرەك يەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ % 80 ىنى ئىگىلەيدۇ ،« سىرەك يەر پادىشاھلىقى » دېگەن نامى بار . گەنجۇ سىرەك يەر كەسپىنىڭ كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . 2018 - يىلى گەنجۇدىكى سىرەك يەر كەسپى كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 26 مىليارد يۈەنگە يەتتى .

  بەزى ئاممىۋى پىكىردە مۇنداق دەپ قارالدى: نۆۋەتتە جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، سىرەك يەر جۇڭگونىڭ ئەۋزەل ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى مۇھىم فىشكىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ مەسئۇل كىشى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى : دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سىرەك يەر ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىزچىل ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىرەك يەر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگونىڭ سىرەك يەر بايلىقى ۋە سىرەك يەر مەھسۇلاتلىرىنى تۈرلۈك ئىلغار مەھسۇلاتلارنى ياساشقا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۆرۈشنى خالايدۇ .

  جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى توغرىسىدا ، ئالاقىدار تارماقلار كۆپ قېتىم جىددىي بايانات ئېلان قىلدى ، مەن بۇ يەردە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكنىڭ كەسىپ زەنجىرى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان ، بىر - بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئاتالمىش بىرلەشسە ئىككى تەرەپكە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ ، ئۇرۇشسا زىيانغا ئۇچرايدۇ، سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەشنى لايىق تاپتىم .سىز سىرەك يەر جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ جوڭگوغا سەۋەبسىز بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا زەربە بېرىدىغان قورالىغا ئايلىنامدۇ يوق دەپ سورىدىڭىز ، سىزگە شۇنداق دەيمەنكى، ئەگەر كىم بىزدىن ئېكسپورت قىلغان سىرەك يەردىن ياسىغان مەھسۇلاتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمەكچى بولسا، ئۇنداقتا جەنۇبىي جياڭشىدىكى سابىق مەركىزىي سوۋېت رايونى خەلقى، جۇڭگو خەلقى نارازى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ