باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئايال كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2019.03.11 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاياللار خىزمىتى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ئاياللار ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش» _ _ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئايال كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى 8- مارت مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى مېڭ شياڭفېڭ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى خۇاڭ شياۋۋېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەقدىرلەنگەن 16 ئىلغار شەخس ۋە تۆت ئىلغار كوللېكتىپنىڭ پارتىيەنى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇشتەك ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىلىرى مەركەزلىك ھالدا نامايان قىلىندى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى، يېڭى دەۋر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى، «دۆلەت ئالبومى»نى بايان قىلغۇچى، دەپنە ئىشلىرى بويىچە تۇنجى ئايال دوكتور، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ پەرۋىش ئەترىتى، دۆلەت ھالقىغان زەھەر چەكلەش ئايال ساقچى ئەترىتى قاتارلىقلار سەھنە ئالدىغا كېلىپ، مول مەزمۇنلۇق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئايال كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەۋى مەنزىلى ۋە روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بۇ يىل مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئايال كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلار ئورگان پارتكومىنىڭ مەسئۇللىرى، تارماقلاردىكى ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئايال كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 800دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر