باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى ئۈچ چوڭ كارىدور نەق مەيدانىدىن كەلگەن سادالار

2019.03.11 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان خەلق سارىيىنىڭ سىرتى ئىللىق باھار تۈسىگە كىرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى كارودورى، ئەزالار كارىدورى، مىنىستىرلار كارىدورى نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ھازىرغىچە ئىككى مەيدان ۋەكىللەر كارىدورى، ئىككى مەيدان ئەزالار كارىدورى، ئۈچ مەيدان مىنىستىرلار كارىدورىدا 17 ۋەكىل، 18 ئەزا، 21 تارماق مەسئۇلى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق، رەڭدار ۋەزىپە ئۆتەش ھېكايىلىرى، قىزىق نۇقتىلار ھەققىدە بەرگەن ئېسىل سۆزلىرى، ياخشى تەكلىپلىرى، بىۋاستە قايتۇرغان جاۋابلىرىدىن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئېچىۋېتىش، ئىشىنىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك تەسىرلىك مەنزىرە پەيدا بولدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ۋەكىللەر كارىدورىدا يۈننەن ئۆلكىسى گوڭشەن دۇلوڭزۇ نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل ما جېڭشەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا نوپۇسى بىرقەدەر ئاز، جەمئىيەتكە بىۋاستە ئۆتكەن مىللەت ـ- دۇلوڭ مىللىتىنىڭ ھەممىسى ئومۇمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  چارۋىچىلىق رايونىغا يىلتىز تارتقان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سىرىنغۇل ئايمىقىدىن چارۋىچى، ئەزا باتېر مۇنداق دېدى: ئوتلاقلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى قۇرۇق شۇئار توۋلاپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەتراپىمىزدىكى چارۋىچىلارنى يايلاقنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلىدىم، باشلامچىلىق بىلەن قويلارنى ئازايتىپ، كالىلارنى كۆپەيتتىم، ئوتلاقلار ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيەسى قوغداپ قېلىندى، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. بىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەسئۇلىيىتمىز بار.

  ئۆتكۈر سوئاللارغا ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىمالال جاۋاب بەردى. تۇنجى مەيدان مىنىستىرلار كارىدورىدا دۆلەتلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش، سەھىيە بايلىقىنى يەنىمۇ مۇۋاپىق تەڭشەپ، بىمارلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، خېيىم خەتەر خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرساھە ھەركەسىپتە كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  ۋۇبا گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ۋەكىل ياۋ جىنبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنتېرنېت شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ شۇنداقلا ئۇ يەنە يېزىلارنى ھالقىش تىپىدا تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ۋۇبا توڭچېڭغا ماس ھالدا ۋۇبا توڭجېن بەرپا قىلىش ئىنتېرنېت تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن يېزا كەنتلەرنى نەپلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇخەي گېلى ئېلېكتىر سايمانلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ۋەكىل دوڭ مىڭجۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يادرولۇق مەسىلە ـــ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. بۇ يىل ئېلىمىزدە تېخىمۇ زور كۆلەملىك باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، كارخانىلار بۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەتقىق قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئىككى يىغىن كارىدورىدىكى سادالاردىن مىليونلىغان خەلقنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ۋەتەن ئۈچۈن كۈچ قوشۇش، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئورتاق ئېتىقادى يەتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر