باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىدا بۇ يىلقى تۇنجى «ئۇدا تۆت قېتىملىق ئۆسۈش» ھالىتى كۈرۈلىدۇ

2019.02.26 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: "ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى" مۇخبىرىنىڭ نۇرغۇن ئىجتىمائىي نازارەت قىلىش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا خەلقئارادا نېفىت داۋاملىق ئۆرلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسىدا 28- چېسلا (پەيشەنبە) كەچ سائەت 24كىچە،بۇ يىل ئىچىدىكى تۇنجى «ئۇدا تۆت قېتىملىق ئۆسۈش» ھالىتى كۈرۈلىدۇ، ياكى بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆرلەشنى بۆسۈشى مۇمكىن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەھسۇلاتنى قەتئىي تۈردە كېمەيتىشى ۋە سودا سۈركىلىشىنىڭ ئاستىلىشىدىن ئىبارەت ئۈمىدۋار سىگنال نېفىت باھاسىنى ئۈنۈملۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەچكە، خەلقئارادا نېفىت 22- چېسلا تار دائىرىلىك كىرىم بويىچە ئۆرلىگەن. نيۇ يورك تاۋار سودىسى ئورنىدا 4- ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان يېنىك خام نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسى 0.3 ئامېرىكا دوللىرىلىق نىسبەتتە ئۆرلەپ، ھەر تۇڭى 57.26 ئامېرىكا دوللىرىغا توختاپ، ئۆرلەش نىسبىتى %0.53 كە يېتىدىكەن. 4- ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسى 0.05 ئامېرىكا دوللىرىلىق نىسبەتتە ئۆرلەپ، ھەر بىر تۇڭى 67.12 ئامېرىكا دوللىرىغا توختاپ، ئۆرلەش نىسبىتى %0.07كە يېتىدىكەن.

  خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىپ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، نېفىتنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىمەكتە. 25- چېسلا، جوڭيۈ ئۇچۇر شىركىتى ھېسابلىغان نېفىت ئۆزگىرىش نىسبىتى %6.8گە يەتكەن بولۇپ، خام نېفىتنىڭ باھالاش باھاسى بىر تۇڭى 66.92 ئامېرىكا دوللىرىگە توختىغان، ئۇنى ئۆلچەملىك باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر بىر تۇڭى 4.321لىق ئۆلچەمدىكى ئامېرىكا دوللىرىگە توختىغان، تەييار مايغا قويۇلىدىغان نۆل باھا چېكى بويىچە، ھەر توننىسى 305 ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ئۆستۈرۈلگەن. جوچۇاڭنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچىگەن خام نېفىت ئۆزگىرىش نىسبىتى %6.81گە يەتكەن بولۇپ، ماس ئۆستۈرۈش نىسبىتى ھەر توننىسىغا 301 يۈەن ئۆرلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر