خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي، يۈكسەلگەن، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئومۇمىي نىشان»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.
سۈرەتتە: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى (ئوتتۇرىدا) پىچان ناھىيەلىك مەركىزىي بالىلار باغچىسىدا بالىلار بىلەن پاراڭلاشماقتا (14-فېۋرال تارتىلغان سۈرەت).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى