باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھېساباتىكى نېسى قىلىنغان پۇلنى تۈگىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ

2019.02.26 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 25-فېۋرال ئاچقان گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ مەسئۇلى پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابىدىكى نېسى قېلىنغان پۇلنى تۈگىتىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ھازىر 1-باسقۇچلۇق قايتۇرۇش خىزمىتىدە دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھېساباتىدىكى پۇلنى تۆلەش سوممىسى جەمئىي 160 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئىككىنچى باسقۇچلۇق نېسىنى ئۈزۈش خىزمىتى پائال ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. كېيىنكى قەدەمدە قانۇن چىقىرىش خىزمىتى تېزلىتىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە بىرلىشىپ جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن گوبىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىتتا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتتى، بەزى پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار تەرەققىيات جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقتى، بولۇپمۇ بەزى جايلاردىكى پۇقراۋى كارخانا، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ھېسابىدىكى پۇلنىڭ نېسى قىلىش ئىشى كارخانىلار مەبلىغىنىڭ دەۋرىيلىك ئوبوروتىغا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلدى، بۇ، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  شىن گوبىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇن-نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تېزلىتىدىكەن. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامىنى تۈزۈشتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كارخانىلار ئارىسىدىكى نورمال تىجارەت قەرزنى تۆلەش مۇددىتى، چىقىم مەسئۇلىيىتى، جازالاش تەدبىرى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، قانۇن ئارقىلىق ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، كارخانىلار ئارىسىدىكى «ئۈچ بۈرجەكلىك قەرز» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر