- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋاڭ يى پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۈرەش بىلەن تېلېفونلاشتى
2019.02.26 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا كېلىشىۋالغىنى بويىچە پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۈرەش بىلەن تېلېفونلاشتى.
كۈرەش تېلېفوندا، يېقىندا ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا يۈز بەرگەن ئادەمبومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىگە قارىتا پاكىستاننىڭ مەيدانى ۋە قوللانغان ئالاقىدار تەدبىرلىرىنى ئۇقتۇردى، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان تەرەپنىڭ ھىندىستان تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا سەمىمىيىتى ۋە ئىرادىسى بار، پاكىستاننىڭ رايون تىنچلىقى، جۈملىدىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۈرەشنىڭ مەلۇمات بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتتى. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پاكىستان-ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ تېزدىن سۆزلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدىن ساقلىنىشىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى قوللايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر