باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چېتىشلىق دېلولارنى ئېلان قىلدى

2019.02.26 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 -فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-فېۋرال، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 21-تۈركۈمدە جەمئىي ئالتە يېتەكچى دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چېتىشلىق دېلولار بولۇپ، ئاساسلىقى خەلقئارا مال سودىسى توختامى ماجىراسى، دېڭىزدا مال توشۇش توختامى ماجىراسى، كاپالەت ئالاقىسى ئالدامچىلىق ماجىراسى، دېڭىز خەتىرىدىن قۇتقۇزۇش توختامى ماجىراسى، كىرېدىت گۇۋاھنامىسى كېسىش ماجىراسى، دېڭىز ئىشلىرى جاۋابكارلىقىنى چەكلەش فوندى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ماجىراسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 4–كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇمېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېتەكچى دېلو ئۆرنىكىنى ئېلان قىلىشتا، مەۋقەنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چېتىشلىق چەت ئەل سودا ئىشلىرى، دېڭىز ئىشلىرى سوت خىزمىتىدە يېتەكچىلىك قىلىش ئېھتىياجى كۈچلۈكرەك سوت ساھەسىگە قويۇپ، تالاش-تارتىش بولغان قانۇنىي مەسىلە ياكى يېڭى تىپتىكى دېلولارنىڭ ھۆكۈم–كېسىم قائىدىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى، بۇنىڭدا ھەم كەڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق سودا، دېڭىز ئىشلىرى سودىيەسى ئۈچۈن شۇنداق دېلولارنى سوت قىلىشتىكى ھۆكۈم–كېسىم ئۆلچىمى ۋە يېتەكچىلىك ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە جامائەتچىلىكنىڭ بىر قەدەر ئېنىق قانۇنىي مۆلچەرگە ئېرىشىشىگىمۇ پايدىلىق، بۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر