باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ليەن يۈمىڭ--

بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاپ تۇرۇپ تەكلىپ لايىھەسى ھازىرلاش (يېڭى باھاردا ئاساسىي قاتلاملارغا چۆكۈش. ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ھېكايىلىرى)

2019.02.26 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ليەن يۈمىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر يىلدىن بۇيان، بىر تەرەپتىن بېيجىڭ خەلقئارا شەھەرلەر تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ، خېنەن ئۆلكىسى جىيۈەن ۋاڭۋۇشەن رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، ئالتە بازار 17 كەنتكە چۆكۈم، 20 نەچچە نامرات ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، 50 نەچچە ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  ليەن يۈمىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدىن چىققاندىن كېيىن، ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، شاد-خۇراملىققا تولغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ۋە شۇ ئاۋازلار چىقىۋاتقان تەرەپنى بويلاپ مېڭىپ، بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىدۇ-دە، شۇ ئۆينىڭ ئىچىنىڭ ئادەم بىلەن لىق تولقانلىقىنى بايقايدۇ. شۇ ئۆيدىكى شىرە ئۈستىگە چوڭ-كىچىڭ بوتۇلكىلار ۋە 20 نەچچە خىل ئۇرۇق ئەۋرىشكىلىرى تىزىلغان بولۇپ، يەنە بىر نەچچە تېخنىك خادىمنىڭمۇ كەنت ئاھالىلىرىگە سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ليەن يۈمىڭمۇ ئۇ چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىغاچ، ئىچىدە پىلان تۈزۈشكە باشلايدۇ. پىلانىدا، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم قىلىش ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تەكلىپلەرنى يېزىپ ھازىرلىغاندىن كېيىن، نامرات ئاممىنىڭ ئاۋازى ۋە ئۆزىنىڭ ئويى قاتارلىقلارنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بارماقچى بولىدۇ.

  كۈندۈزلىرى دېھقانلارنى زىيارەت قىلسا، كەچلىكلىرى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ليەن يۈمىڭ ھەر قېتىم بىر ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا، دەرھال ئەسكەرتىش بېرىپ، مەن كۆپچىلىككە يىغىن ئاچقىلى كەلمىدىم، كۆپچىلىككە تەكلىپ بەرمەكچى بولۇپ كەلدىم، دەيدۇ. شۇ چاغدا بىرىنچى شۇجىلارنىڭ سۆزلەش ئۈچۈن ئېغىزلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ-دە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلەشكە چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ليەن يۈمىڭتا كېچە سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكىچە داۋاملاشقان بۇ خىل پاراڭلارنى تەخىر قىلىپ ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇرۇش ئورنىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ليەن يۈمىڭ يەنە ئالدىراپلا خاتىرە دەپتىرىنى ئېچىپ، كۈندىلىك خاتىرىنى يېزىشقا باشلايدۇ. ئۇ شۇ خاتىرىگە، بىز سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى چوقۇم ئاساسىي قاتلاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تەكلىپ ھازىرلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاپ، پائال تۈردە چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك، دەپ يازىدۇ. ليەن يۈمىڭ ئۆزىنىڭ بۇلتۇر 10 پارچە تەكلىپ تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ يىلقى تەكلىپنى ھازىرلاشقىمۇ جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى دەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر