باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تۆت ئىقتىدار»نى تاۋلاپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۈرەش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش

__ 2019-يىللىق «چاغاندا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولۇش» ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇش تەشۋىقاتىنىڭ باشلانغانلىقى بىلەن

2019.01.21 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يىلدا بىر كېلىدىغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش ئالدىدا، ئۇزاق يىل ئۇدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «چاغاندا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولۇش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇش تەشۋىقاتى 20-يانۋار باشلاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەۋەر مۇخبىرلىرى بۇ قېتىملىق چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەتنى «تۆت ئىقتىدار»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپىنىڭ بىر قېتىملىق مەركەزلىك ھەرىكىتى دەپ بىلىپ، يېقىنلىشىش جەريانىدا ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ كۈرەش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

  «چاغاندا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولۇش» پائالىيىتى ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ يارقىن نام كارتىسى. پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، قالتىس ھېكايىلەرنى تېپىپ ئىلغاپ، باش تېمىلىق تەشۋىقاتنى يارقىن، كەڭ تەشۋىق قىلىش، «بېرىش، ياخشىلاش، ئۆزگەرتىش» پائالىيىتىنى كېڭەيتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاخبارات قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھالقىلىق يىل، «چاغاندا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولۇش» پائالىيىتى ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇش تەشۋىقاتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەۋەر مۇخبىرلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەشۋىقات ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەشۋىقات، خەۋىرىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. «چاغاندا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولۇش»نى پۇرسەت بىلىپ، مەركەز روھى بىلەن ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىغا بولغان دىققەت نۇقتىسىنى ئېنىقلاپ، تەشۋىقات، خەۋەرنى قاراتمىلىق ياخشى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش جەريانىدا ئايىغى چاققان بولۇش، تۇرمۇشنى كۆزىتىش جەريانىدا كۆزى ئۆتكۈر بولۇش، تىرىشىپ ئۆگىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىدا زېھنى ئوچۇق بولۇش، دەۋرنى خاتىرىلەش جەريانىدا قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر