باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر» چىقىرىلدى

2019.01.16 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقاردى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش-جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ نامرات رايونلار ۋە نامرات نوپۇسنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر خىل نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشىنىڭ مۇھىم يولى. ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچلۈك يولغا قويۇش-جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنى نامرات رايونلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە بولغان ئىستېمالنى كېڭەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنى نامرات رايونلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە بولغان ئىستېمالنى كېڭەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە دۆلەت كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە باش بولۇپ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش؛ نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى ۋە سېتىش يوللىرىنى كۈچلۈك كېڭەيتىپ، تەمىنات زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئوبوروت مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنات سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېما قۇرۇلۇشى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەمىنلەش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈش؛ نامرات رايونلارنىڭ ئىستراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پىلاننى ياخشى لايىھەلەپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر