باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش ئىشلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە قارار قىلىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمە (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.12.17 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش ئىشلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە قارار قىلىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمە (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى رايونلار ۋە ھەر قايسى تارماقلاردىن مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىشلىرى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشلىرى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  «پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش ئىشلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە قارار قىلىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمە (سىناق نۇسخىسى)»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1- ماددا: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش ئىشلىرىنى پارتگۇرۇپپىسى ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىشنىڭ خىزمەت تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەمدە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا، بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

  2- ماددا: پارتگۇرۇپپىسى (جۈملىدىن پارتگۇرۇپپىسى خاراكتېرىدىكى پارتىيە كۆمىتېتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. تۆۋەندىمۇ شۇنداق) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، ھەمدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كۆمىتېتى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈش كۆمىتېتى تەرىپىدىن ھەر قايسى ئورۇنلاردا ۋاكالىتەن تۇرۇپ تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشلىرى كېرەك. پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇشى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، ھەمدە پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممەيلەننىڭ بىردەك باراۋەر ئىكەنلىكىدە، ھەم شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قالدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتالىقتىن خالىس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىنتىزامى بويىچە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەمدە دېلولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ ياخشى بولغان سىياسىي ئۈنۈمى، ئىنتىزام-قانۇن ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، دېلولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش سۈپىتىنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

  3- ماددا: پارتگۇرۇپپىسى ئۆزى باشقۇرىدىغان پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشتە، چوقۇم بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك، ھەرقانداق بىرەر شەخسنىڭ ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارار قىلىشى ۋە تەستىقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى جازاسىنى بېرىش قارارى چوقۇم پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نامىدا چىقىرىلىشى كېرەك ھەمدە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلغان كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر