باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىنىچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە تۇنجى قېتىم قىسىم ئەۋەتىپ قاتنىشىش

«جۇڭگو دۇنيا تىنىچلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى»
(ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىكى 40 بىرىنچى)

2018.12.17 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «400 ئوفېتسېر-ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان ساپيورلار چوڭ ئەترىتى بىزنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتكەن ئىشتاتلىق تىنىچلىق ساقلاش قىسىمىمىز ھەم شۇنداقلا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ھالقىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشى.» جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كامبودژاغا ئەۋەتىلگەن ساپيورلار چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق ئەترەت باشلىقى لى جىنيوڭ شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىدى، ھەر بىر ئىشلار ئۇنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئېسىدە ئىدى.

  ۋاقىت 26 يىل بۇرۇنقىغا قايتتى. 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي قۇرۇلۇش چوڭ ئەترىتى ئالدىن يۈرەر قىسىمىدىن 10 كىشى كامبودژا پايتەختى فنوم پېنغا يېتىپ بېرىپ، ب د ت نىڭ كامبودژادىكى ۋاقىتلىق ھوقۇقلۇق ئاپپاراتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. ناھايىتى تېزلىكتە، 400 ھەربىي قۇرۇلۇش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كامبودژادا تۇرۇشلۇق ساپيورلار چوڭ ئەترىتى قۇرۇلدى ھەمدە 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى فنوم پېندىكى جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسمى گازارمىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تارىخىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «كۆك قالپاقلىق قىسىم» ئىدى.

  كامبودژاغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن لى جىنيوڭنىڭ تاپشۇرۇۋالغان بىرىنچى ۋەزىپىسى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان 4- ۋە 6-نومۇرلۇق تاشيولنى جىددىي رېمونت قىلىش بولدى. 4-نومۇرلۇق تاشيول فنوم پېن ۋە ئەڭ چوڭ پورت كامپوڭ سائوم پورتى (سىخانۇك پورتى)نى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق قاتناش غول يولى ھېسابلىناتتى، لېكىن ئۇرۇش سەۋەبلىك بۇ تاشيولدىكى ئالتە كۆۋرۈك ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دېڭىز ئارقىلىق بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن ھەرخىل قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى مۇشۇ يەردە بېسىلىپ قېلىۋاتاتتى، ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن توشۇپ كېلىنگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىلا 8000دىن ئاشاتتى. پوند ئۆلكىسىگە جايلاشقان 6-نومۇرلۇق تاشيول بولسا سانسىزلىغان بومبا زەربىسىدىن تىتما كاتاڭ قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، قاتناشنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە ئامال يوق ئىدى. بۇ نەچچە ئون كىلومېتىر يولنى دالا ئاپتوموبىلى بىر كۈن ماڭاتتى.

  ئەينى ۋاقىتتا كامبودژانىڭ دەل يامغۇر پەسلى بولۇپ، يول ياساش ئىنتايىن قىيىن ئىدى، يول ياساش جەريانىدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان پارتلىمىغان مىنالارنىڭ پارتلاپ كېتىشى، پارچە-پۇرات غايىب ئوقلار، شۇنىڭدەك زەھەرلىك يىلان، زەھەرلىك پاشىلارنىڭ خەۋپىنى ئېيتمايلا قويايلى. لېكىن جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بەل قويۇۋەتمىدى، ئۇلار ۋەزىپىنى قەتئىي يوسۇندا قوبۇل قىلدى ۋە ئاخىرىدا مۇددەتتىن 20 كۈن بۇرۇن ۋەزىپىنى تاماملىدى. بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ، شۇ چاغدا ب د ت نىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق ئۆتكۈنچى ئورگىنىنىڭ رەئىسى ياسۇشى ئاكاشى «ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشى ناھايىتى ۋاقتىدا بولدى» دەپ قايتا-قايتا ماختىدى.

  20 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى نۇرغۇن قېتىم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھۆرمەتكە ئېرىشتى. 1990-يىلىدىكى تۇنجى قېتىم ھەربىي كۈزەتكۈچى ئەۋەتىپ ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشتىن ھازىرغىچە، جۇڭگو جەمئىي 37 مىڭ ئادەم قېتىم ساقچى، ئوفىتسېر-ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 24 تۈرلۈك تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى يېڭىدىن ياسىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى، 9800دىن ئارتۇق مىنا ۋە پارتلىماي قالغان ئوق-دۇرىلارنى تازىلىدى، 200 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق كېسەل كۆردى، توشۇغان ھەر خىل ماددىي ئەشيا 1 مىليون 350 مىڭ توننىغا، تىرانسپورت ئومۇمىي مۇساپىسى 13 مىليون كىلومېتىرغا يەتتى، 21 جۇڭگولۇق تىنچلىق ساقلىغۇچى ھەربىي ۋە ساقچى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى …

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر