باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قاتارنىڭ ئەمىرى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قامالنى بىكار قىلىش توغرىسىدا سۆزلىشىش كېرەك

2018.12.17 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتارنىڭ ئەمىرى تەمىم مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاتارنىڭ پارىس قولتۇقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئۇ بولسىمۇ قاتارغا قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىپ، كىرىزىسنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. تەمىم شۇ كۈنى قاتارنىڭ دەۋھەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سىياسىي مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: ئۆزئارا باراۋەرلىك ئاساسىدا سۆزلىشىپ، باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، قاتارغا قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىش ئارقىلىق پارىس قولتۇقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى قىلىش كېرەك. قاتارنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد مۇنبەردە مۇنداق دېدى: پارىس قولتۇقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسى سەۋەبىدىن، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى زەربىگە ئۇچرىدى،پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنى بارلىق ئەزالىرى قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا، قايتا تەشكىللەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر