باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا زور تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى

2018.12.17 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئاشلىقنى تىرىكچىلىكنىڭ ئاساسى قىلىدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر كىشىلەردە چوڭقۇر ئەسلىمە قالدۇردى. كىشىلەر «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش – ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە»نى كۆرۈپ، بۇ تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئەسلەشتى، تارىخي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىشتى ۋە تەسىراتىنى ئىزھار قىلىشتى.

  كۆرگەزمىدە، ئاشلىق بېلىتى، گۆش بېلىتى ۋە تۈرلۈك تاۋارلارنى سېتىۋېلىشتا ئېھتىياجلىق بولغان بېلەتلەر خەلق تۇرمۇشىدىكى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇشتىن كۈندىن-كۈنگە ئاۋاتلىشىشقىچە بولغان تارىخقا گۇۋاھ بولدى. چۈشەندۈرگۈچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەڭ قىزىق بولغىنى، شاڭخەيدىكى يېرىم سەر ئاشلىق بېلىتى، ئەينى چاغدا بۇنىڭغا بىر پارچە پېچىنە ياكى بىر قاچا چۆچۈرە سېتىۋالغىلى بولاتتى.

  57 ياشلىق ليۇ جىنباۋ بۇ بېلەتلەرنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر، ئۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچىلار، تاماق ئۈستىلىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە تامامەن بولىدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، جۇڭگونىڭ يىللىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ھالقىپ 600 مىليون توننىغا يەتتى، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە-كۆكتات، چاي، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار كۈنسايىن موللاشتى. كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا قويۇلۇۋاتقان بىر ئىككى مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى پۇقرالارنىڭ چاغانلىق تامىقىدىكى ئۆزگىرىشلەر جانلىق نامايەن قىلىندى، تاماشىبىنلار بۇنى بەس-بەستە كۆردى. ئۇزۇندىن بۇيان، چاغانلىق تاماق ماددىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلدى. 1981-يىلى تۇغۇلغان شىڭ شاۋجيەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدا قىشتىكى قورۇمىلار تولىمۇ ئاددىي ئىدى، ئەتىگىنىمۇ، چۈشتىمۇ، كەچتىمۇ بەسەي يەيتتۇق، چاغانلىق تاماقنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئىنتىزار ئىدۇق. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كۆكتات تۈرلىرى بارغانسېرى موللاشتى، چاغانلىق تاماقتا توخو، ئۆردەك، بېلىق، گۆش تۈرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن بارغانسېرى كۆپ نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يۈزلەندۇق، گۆشلۈك قورۇمىلار بىلەن گۆشسىز قورۇمىلارنى ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدۇق. تاماشىبىن جۇ شىيۈ مۇنداق دېدى: ھازىر، چاغانلىق تاماق بىر ئۈستەل نازۇ-نېمەت بولۇپلا قالماستىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇشى، شاد-خۇراملىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆتكەن بىر يىلدىكى ياخشى كۈنلەرنى ئەسلىشىدۇ ھەمدە يېڭى يىل، يېڭى دەۋردىكى سەمىمىي ئۈمىدى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر