- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 15 مىنىستىرلىق-كومىتېت 2019-يىللىق مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
2018.12.17 16:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، دۆلەت ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادتچانلىقىنى قوزغاپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپ-كۈچلەرنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر