باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋىردە ئىسلاھات ئېچىۋىتىشكە قايتا ئاتلىنايلى

2018.12.17 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنايلى! -ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىمىز ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلدى.باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 40 يىل ئىلگىرى پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتەك تارىخىي تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالەمشۇمۇل بۈيۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى ئىككى قولى بىلەن دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى. 40 يىلدا جۇڭگو ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 360 مىليارت يۈەندىن ئاشۇرۇپ 80 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى؛ 700 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشىغا %70 تىن كۆپرەك تۆھپە قوشتى؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 22 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇردى؛ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى توققۇز ياشقا يېقىن يۇقىرىلىدى. دېمەك، جۇڭگو يەرشارىنىڭ چېتىدىن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىش، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ يۈزلىنىش، بېكىنمە ۋە قالاق ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىشكىچە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلابى جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن يەنە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئەمەلىيەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدى.

  باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرۈتكە بولدى. ھازىر ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى، چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى؛ ئۇنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، قىيىنلىق دەرىجىسى 40 يىل ئىلگىرىكىدىن قېلىشمايدۇ. تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىشتىن مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاشقىچە؛ تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق يېتەرسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرۈتكە بولۇشقىچە بولغان ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار بار. ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق شۇڭا ئېھتىياتچان بولۇش لازىم. مەيلى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن ياكى خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن، چىقىش يول ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە، ئۈمىدمۇ دەل شۇنىڭدا. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز تېخىمۇ مۇقىم كۆتۈرگەندىلا، جۇڭگو ناملىق بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەلكەن يېيىپ يىراققا سەپەر قىلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر