باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكا ئالىملىرى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2018.12.17 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر ئاتلانتادا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى خاتىرىلىدى. سۆھبەتكە قاتناشقان ئىككى دۆلەت ئالىملىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىشى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى بىلەن ماس قەدەمدە دېگۈدەك باشلانغان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ئىشلىرى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىر-بىرىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا بىر قاتار ئىجابىي ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدۇ. ئىككى دۆلەت ئالىملىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى سىناققا دۇچ كەلدى، ئىككى تەرەپ سىياسىي ئەقىل-پاراسىتىنى داۋاملىق تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى ساقلاپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۆپرەك ئىجابىي كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇقىملاشتۇرغۇچنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر