باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى

تاموژنا بېجى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سودا چەكلىمىسى تەدبىرىنى توختىتىش قارار قىلىندى

2018.12.03 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچتە، ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ئۆمىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئۆمەكلىرىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان پائال ۋە ئۈنۈملۈك كېڭىشىشىگە ئىجابىي باھا بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ قارىشىچە، ساغلام ۋە مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سودىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى توختىتىشنى قارار قىلىپ، قارشى تەرەپكە قارىتىلغان ھازىرقى تاموژنا بېجى نىسبىتىنىڭ ئەمدى ئۆستۈرۈلمەيدىغانلىقى، باشقا تاۋارلارغىمۇ تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلمايدىغانلىقى جاكارلاندى.

  ھەر ئىككى تەرەپ مۇنۇلارغا ماقۇل بولۇشتى: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھى بىلەن، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى دەرھال ھەل قىلىش؛ جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش؛ ھەمدە بۇ جەرياندا، ئامېرىكا تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنىڭمۇ چوقۇم ھەل بولۇشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا تەرەپمۇ جۇڭگو تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنىڭمۇ پائال تۈردە ھەل قىلىنىشى قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر