باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ مۇكەممەل قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

2018.12.03 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە يۈننەندە ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈش ھەققىدە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدى، تەلىپى، ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇكەممەل قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقكە تېخىمۇ بەخت ئاتا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئاساسىي، ئۇنىۋېرسال قانۇن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ قانۇننىڭ لايىھەسىگە ئىككى قېتىم قاراپ چىققان ھەمدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالغان. كۆپنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى توپلاپ، قانۇننى ياخشى تۈزۈش ئۈچۈن، لى جەنشۇ كۇنمىڭ شەھىرى، دېخۇڭ ئوبلاستى، باۋشەن شەھىرىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  لى جەنشۇ مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئورگانلىرىنىڭ ئادەم كۈچى، ئەسلىھە شارائىتى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگەللىدى؛ لى جەنشۇ يۈننەن بەيياۋ گۇرۇھىدا كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ۋە مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئۇلارنىڭ مىللىي تېبابەتچىلىك دورىگەرلىكىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ لى جەنشۇ كەنت شىپاخانىسىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، ساقلىق-ساقلاش، ساغلاملىق كاپالىتى ۋە ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، يەرلىك ئالاقىدار تارماقلارغا يېزا-كەنتلەرنىڭ داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، خەل ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇشنى تاپىلىدى.

  لى جەنشۇ يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا خىزمەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىگە ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساقلىق-ساقلاش، ساغلاملىق ئىدىيەسىنى تىكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى باش لىنىيە قىلىپ، داۋالاش بايلىقىنى تەڭپۇڭ، مۇۋاپىق ئىلمىي تەقسىملەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك داۋالاش بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ چېگرا ئېغىزىغا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئىقتىساد سودا خادىملىرى ئالاقىسى ۋە چېگرا ئاتلىغان ئىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى، چېگرا مۇداپىئە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى، لى جەنشۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، كىرىم ئەھۋالىنى سوراپ، بېيىش ھەققىدە سۆزلەشتى، كەنت پائالىيەتخانىسىغا بېرىپ، دەيزۇ، جىڭپوزۇ، بەيزۇ، ئاچاڭزۇ، دېئاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان سەككىز 5 دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى. لى جەنشۇ يۈننەننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى، ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئومۇملىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر