باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى بەش ھەسسىگە يېقىن كېڭەيدى

2018.12.03 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەن 2- شى 29- تۈەنى چۆل - باياۋاندا بوستانلىق بەرپا قىلدى (2018-يىلى 4- ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (دۇ بىڭشۈن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدىكى 30 مىڭ موغا يېقىن ئورمان قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇردى. 20 يىل ئىلگىرى بۇ يەر بىر پارچە قاقاسلىق بولۇپ، شەھەردىكى ئاساسلىق قۇم ـ توزان بۇلغىما مەنبەسى ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى بەش ھەسسىگە يېقىن كېڭىيىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 13 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ھازىرقى 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى.»

  1978- يىلى، دۆلەت غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. 40 يىلدىن بۇيان، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلىدى، بوستانلىق ئەتراپىدىكى چۆللىشىپ ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمىدە تارىيىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، قۇملۇق رايوننىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى ئاشتى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىن تىيانشان تېغى ئېتىكىگىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئېرتىش دەرياسى ساھىلىغىچە، 40 يىلدىن بۇيان، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 66 مىليون 834 مىڭ 400 مو ئورمان بىنا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %1.03تىن %4.87كە ئۆستى.

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى تەبىئىي ئورماننى قوغداشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. 2005- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھەممىدىن ئاۋۋال مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەبىئىي ئورماننى كېسىشنى چەكلەشنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئورمىنى كۆپىيىپ، ھاۋا كىلىماتىنى تەڭشەش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش، مۇزلۇقنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈزلەڭلىك سۈنئىي ئورمىنىدا ھەر يىلى 3 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق ياغاچ ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىلىپ، ياغاچ ماتېرىيالى قىس بولۇشتەك تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت زور دەرىجىدە پەسەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر