باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى باشلاندى

2018.11.29 18:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، 2018- يىللىق 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ئالتاي شەھىرىدە باشلاندى.

  قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، «جۇڭگونىڭ ئەڭ قالتىس قار- مۇز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» شىنجاڭ ئالتاي مۇنبىرى، ساياھەت پۇل مۇئامىلىسى بويىچە تەمىنلەش- ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكىرىدىكى ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبە جايلىرىدىكى تاراتقۇ كەسىپكارلىرى، ساياھەت كەسىپكارلىرى، قار- مۇز تەنھەرىكىتىدىكى ئەربابلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى 100 كىشىلىك قار- مۇز ساياھىتىنى ھېس قىلىش ئۆمىكىدىن ئۈچنى تەشكىللەپ، ئالدىن كۆرۈپ بېقىش پائالىيىتى قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈتۈۋېلىش مىقدارىدا 150 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ئۈمىد بار، بۇ ھەم مۇقىملىق پايدىسىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ قېتىملىق قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قار- مۇز بايلىقىنى، ئاساسى چوڭقۇر بولغان ساياھەت مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كىشىلەرگە نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بانكا- ساياھەت ھەمكارلىقى، ئاكسىيە- ساياھەت ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش، ساياھەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت بازىرى سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن پۈتۈن گەۋدە داڭلىق ماركىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى ياخشى تىكلەپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدا شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ يېڭى قىزغىن دولقۇنىنى قايتا قوزغاش كېرەك.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىدە «فونتانسىمان» تەرەققىيات كۆرۈلۈپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارى ۋە ئومۇمىي ئىستېمال ئۇدا ئىككى يىل %30 تىن ئارتۇق ئېشىشنى ساقلاپ، بۇ يىل ئىككىلىسى %40 كە يېقىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە توققۇز كۈن داۋاملىشىدۇ. تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتى ئىككى جاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش شەكلى قوللىنىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆزگىچە قار- مۇز ساياھەت بايلىقى نامايان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر