باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالتە قېتىملىق شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى ئاشكارىلىدى

2018.11.29 18:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، «تۆت خاھىش»نىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى يېڭىلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئالتۇن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇردى. لېكىن بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى جاھىل، مۇرەككەپلىككە ئىگە، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى بىر قىسىم رايون ۋە ساھەلەردە يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى «پۇتلىكاشاڭ»، «توسالغۇ» بولماقتا، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، چوقۇم زور كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئالتە قېتىملىق شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى ئاشكارىلىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى ليۇ جۇڭچىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۈچلۈك بولماسلىق، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر.

  فۇجيەن ئۆلكىسى پۇتيەن شەھىرى سىرتىدىكى دېڭىز-ئوكيان ۋە بېلىقچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن گوخۇانىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىدە ھەرىكىتى سۇس، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسى.

  جياڭشى ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ خۇا، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى كۇڭ يۇڭچۈن قاتارلىقلارنىڭ مەركەزنىڭ روھى ۋە يۇقىرىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چالا-بۇلا قىلىش، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى.

  خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھىرى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ سابىق مەسئۇلى شېن خۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ۋە دەردىنى نەزەرگە ئالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى گۇ چياڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، پاسسىپ پوزىتسىيەدە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىلىرى.

  گەنسۇ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى يېزا ئىگىلىك 2-باشقارمىسىنىڭ سابىق باشقارما باشلىقى جىن جۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلىش، خىزمەتتە سۆرەلمىلىك قىلىش مەسىلىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر