باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-ئايدىكى يېڭى بەلگىلىمە: «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تە پاش قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ

2018.11.30 13:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى قاتارلىق تۆت تارماق يېڭى «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىدە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى»غا بىرلىكتە تۈزىتىش كىرگۈزدى ھەمدە ئېلان قىلدى. يېڭى «چارە»دە مەملىكەت بويىچە «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىگە قېلىپلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش دائىرىسى، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى، مۇكاپاتلاش تەرتىپى ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېڭى «چارە» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭى «چارە»دە «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە تەۋە بولغان 16 خىل ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدا، توردا ۋە تور سىرتىدىكى ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكى، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى، ئاخبارات-نەشرىيات كەسپىنىڭ تەرتىپىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر خىل «سېرىق مەزمۇن»، «قانۇنسىز» مەسىلىلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشقا ئۇيغۇن شەرتلەر، شۇنىڭدەك پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئەھۋاللار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېڭى «چارە» دە يەنە پاش قىلىشتا تۆھپىسى بارلارنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىدىكى 11 خىل ئەھۋال تەپسىلىي بەلگىلىنىپ، ئالاقىدار مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى. مەسىلەن: قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتىنى پاش قىلسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۈەن مۇكاپاتلىنىدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا مۇخالىپ تور ئۇچۇر ۋە تور دېتاللىرىنى پاش قىلسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر