باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خەلققە قولايلىق، پايدىلىق ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى

«بىرلا جايدا بېجىرىش»، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش» تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2018.11.30 13:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 29-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشتا «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىشتىكى ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىڭشىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئالتە تۈرلۈك تەدبىر كارخانا ۋە ئامما ئىنكاس قىلغان ئىش بېجىرىش گەۋدىلىك قىيىن بولۇش، ئىش بېجىرىش ئاستا بولۇش، كۆپ تەرەپكە قاتراش، تولا كېلىپ-كېتىش، قولايسىز بولۇش مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، «<بىرلا جايدا بېجىرىش>، <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش>نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش»تەك ئومۇمىي تەلەپ ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

  مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئىسپات چىقىرىش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، كۆپ خىل ئىسپات ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سودا قىلىش مۇھىتىنى كۈچەپ سەرخىللاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەن تاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپاتلاش ئىشلىرى ئاساسلىقى ئالاھىدە كەسىپ، ئامانلىق ساقلاش كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئىسپات ماتېرىيالى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مۇناسىپ ئىجازەت تۈرلىرىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانا ۋە ئامما جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، شۇ ئارقىلىق كارخانا قۇرۇش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىچكى ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جىنايەت خاتىرىسى بار-يوقلۇقىنى بېكىتەلەيدۇ.

  ج خ مىنىستىرلىقى تامغا ئويۇش ئورۇنلىرىنىڭ تورغا كىرگۈزۈش ھەققى، مۇلازىمەت ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىدۇ، مەجبۇرىي تامغا ئالماشتۇرۇش، مونوپول قىلىپ تىجارەت قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ زولياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تامغا كەسپىنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى ۋە تامغا ئويۇش ئورۇنلىرى ئابونتلىرى ئەنگە ئېلىنغان يۇمشاق دېتالنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، ئاساسىي قاتلام جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تامغا ئويۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جايلاردىن تورغا كىرگۈزۈش ھەققى، مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر