باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى «تورمۇزلاش» مولېكۇلاسىنىڭ پارچىلىنىش مېخانىزمىنى بايقىدى

2018.11.30 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 29-نويابىر تاڭ سەھەردە، خەلقئارا ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيوخىمىيە ۋە ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى تەتقىقات يۇرتى مولېكۇلا بىئولوگيىسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى شۈ چېنچى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى توردا ئېلان قىلدى، دوكتور ئاسپىرانت مېڭ شياڭبو ۋە ليۇ شىۋېي بۇ نەتىجىنىڭ ئورتاق 1-ئاپتورى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى «تورمۇزلاش» مولېكۇلاسى بولغان PD-1نىڭ پارچىلىنىش مېخانىزمى ۋە بۇ مېخانىزمنىڭ ئۆسمە ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى جەريانىدىكى ئىقتىدارىنى تۇنجى قېتىم يېشىپ بەردى.

  ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا «ساقچى»نىڭ رولىنى ئوينايدىغان T لىمفا ھۈجەيرىسى بەزىدە «ئىش تاشلاپ»، بەدەن ئىچىدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىنى ۋاقتىدا بايقاپ تازىلىيالمايدۇ ۋە ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى چەت ئەللىك ئالىملار قىسمەن ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ PD-1 مولېكۇلاسىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى «تورمۇزلايدىغان»لىقىنى بايقىغان، لېكىن PD-1 نىڭ ئۆسمە مىكرو مۇھىتىدا بۇنچە «جانلىق» بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. شۈ چېنچى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ مۇھىم ئىلىم-پەن مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ، مۇھىم دورا بىلەن PD-1نى نىشانلاشنىڭ يېڭى تەڭشەش مېخانىزمىنى بايان قىلدى، بۇ تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆسمە ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە ئۆسمە ئىممۇنىتېتىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ يېڭى لايىھەسىنى تۈزۈشىگە پايدىلىق.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر