باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

2018.11.29 19:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: «سېرىق قار» مەۋسۇمى ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن كۆكتوقاي ئاللىبۇرۇن قار-مۇز دۇنياسىغا ئايلانغانىدى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆكتوقايغا كەلدى. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسى ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرنى رەسمىي كۈتۈۋالىدۇ.

  كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى كەسپىي قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ شارائىتى ئەۋزەل، خەلقئارا مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش شارائىتى ھازىرلانغان. كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ 1-نومۇرلۇق قار تېيىلىش يولى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېگىز تاغدىن سىيرىلىش تۈرىنىڭ مەيدان تەلىپى (ئېگىزلىك پەرقى 900 مېتىر، كەڭلىكى 52 مېتىر)نى قاندۇرالايدۇ.

  قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بۇ يەردىكى «جىنگۇاڭ يولى» ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بۇ قار تېيىلىش يولىنىڭ ئەڭ چوڭ چۈشۈش پەرقى 1200 مېتىر بولۇپ، تېيىلىشقا بولىدىغان ئۇزۇنلۇقى 9.5 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر