باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

تارىم دەرياسىنى چارلاش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2018.11.29 18:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 25- كۈنى تارىم دەرياسىنى چارلاش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلىپ، تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تارىم دەرياسىنىڭ دەريا باشلىقى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش، قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانا دەرياسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەبەدىي سۈزۈكلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندىن كېيىن، لى پېڭشىن ئاقسۇ دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش تۈرى، قاراسىيا دەرياسىنىڭ دەريا يولىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تارىم دەرياسىنىڭ دەريا توسۇش چۈشۈرگىسىدىن تۆۋەن ئېقىنىنى بويلاپ مېڭىپ، تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى بولغان شايار چوڭ كۆۋرۈكى دەريا بۆلىكى، يېڭى بازار چوڭ كۆۋرۈكى دەريا بۆلىكىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شايار ناھىيەسىنىڭ 500 مىڭ مولۇق سۇ تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى تۈرىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دەريا يولىنى باشقۇرۇش، شېغىل قېزىش نۇقتىلىرىنى تۈزەش، قىرغاقنى پۇختىلاپ خەتەرنى تۈگىتىش، توغراقلىقنى قوغداش، سۇ تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىم دەرياسى دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ «جان تومۇرى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دەريا(كۆل) باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تۇتقا قىلىنىپ، باشقۇرۇش، قوغداش ھەقىقىي قانات يايدۇرۇلۇپ، تارىم دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە باسقۇچلۇق نەتىجە- ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، تەڭشەش- تىزگىنلەش، سۇ رايونى قىرغاق لىنىيەسى بوشلۇقىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۈرغۇزۇش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش، قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي، كەسكىن زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەريانى ساقلاش مەسئۇلىيىتى بولۇش، دەريانى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، دەريانى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ قىزىل سىزىق»نى قاتتىق ساقلاپ، يەرنى تېرىلغۇدىن چېكىندۈرۈپ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، سۇ تېجەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. دەريا- كۆللەرنىڭ قىرغاق لىنىيەسىنى باشقۇرۇش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلان تۈزۈشنى تېزلىتىپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، چېگرا ئايرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قىرغاق لىنىيەسىدىكى بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سۇ بىلەن قۇرۇقلۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۇ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلىمى مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئېتىزدىن دەرياغا قايتۇرۇش، يەردىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دەريانى چارلاش ئارقىلىق تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، «بىر دەرياغا بىر تەدبىر» لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك دەريا باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ باشلامچى بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەن «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئارقىلىق دەريانى ئۇزاققىچە تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر