باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا تۇنجى ئايدىلا 31 مىليارد 600 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلدى

2018.12.03 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان تۇنجى ئايدىلا، مەملىكەت بويىچە 31 مىليارد 600 مىليون يۈەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى كېمەيتىلگەن بولۇپ، باج-ھەق ئىسلاھاتىدىن بۇرۇنقى 60 نەچچە مىليون باج تاپشۇرغۇچى مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرمايدىغان بولغان. 10- ئاينىڭ 1-كۈنى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئىلتىماس قىلىش دەۋرى ھەرىكىتى مۇقىم بولغان، 10-ئايدا تارقىتىلغان مائاش، مائاش تاپاۋىتى ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئېرىشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتىدە ئىلتىماس قىلىش تاماملىنىپ بولغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلاھات يولغا قويۇلغان تۇنجى ئايدىلا، مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن 30 مىليارد 410 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلگەن بولۇپ، باج كېمەيتىش نىسبىتى 41.3% بولغان، مائاشلىقلار ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشكەن. دۆلەت باج باش ئىدارىسى تاپاۋەت بېجى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لو تيەنشۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك باج نىسبىتى دەرىجە پەرقىنى زور دەرىجىدە چوڭايتتى، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىندى. 10-ئايدا مائاش ئالىدىغان ئىش ھەققى تاپاۋىتى 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج كېمەيتىش دائىرىسى %50دىن ئېشىپ، باج-ھەق ئىسلاھاتىدىن بۇرۇنقى باج تاپشۇرغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %96.1 ىنى ئىگىلىدى، باجنى كېمەيتىش سوممىسى 22 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، شۇ ئايدا ئومۇمىي باج كېمەيتىش كۆلىمىنىڭ % 70.9ىنى ئىگىلىدى.

  ئومۇميۈزلۈك باج كېمەيتىلگەن ساھەلەر ئىچىدە ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ باج كېمەيتىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. باج ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: بۇ شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى ھەم ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۆپەيتىشتەك ئىسلاھاتنىڭ ئەسلىي مۇددىئاسى ۋە زور ئەھمىيىتىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر