باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»ى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018.11.30 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رايونلار تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش- يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىرى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ، رايونلارغا ئايرىلىشى ھادىسىسى تەدرىجىي ئايان بولماقتا، تەرتىپسىز ئېچىش ۋە يامان سۈپەتلىك رىقابەت يەنىلا مەۋجۇت، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك، رايونلارنىڭ تەرەققىيات مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، بۇنىڭ يېڭى دەۋردە رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىشى تەس بولۇۋاتىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى، رايون ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش مېخانىزمى، رايون سىياسىتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش مېخانىزمى، رايون تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ، بازارنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايونلار ئۆزئارا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، رايونلار ئارا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى رايونلارنىڭ ئايرىلىشى، رايونلارنىڭ ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  2035-يىلىغا بارغاندا، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلار تەڭكەش تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ، رايون سىياسىتى بىلەن مالىيە، پۇل قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى روشەن كىچىكلىتىش ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسىنى بىر قەدەر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇمەن مۇۋاپىقلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى رايونلارنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايونلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئۈنۈم بېرىپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  «پىكىر» دە يەنە رايون ئىستراتېگىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ئورنىتىش، بازارنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، رايونلار ئارا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون سىياسىتىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، رايون تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش،تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر پىرىنسىپال ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر