باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

2018.11.30 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا يېپىلدى . جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى . ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ،خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار نىشانلىق ، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك زور مەسىلىلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جاۋاب بەردى؛ بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى نەتىجىسى ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسلىق قارالما قىلىندى؛ بۇ تۆت ئاڭنى كۈچەيتىش،ئىككىنى قوغداشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ گەۋدىلىنىشى؛ ئىزچىل نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر .

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ يادروسى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى ، يېڭى بۇرچىنى مۇستەھكەم ئىگىلەش؛ چوڭقۇر تونۇش بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى؛خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن ماھىيىتىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى، شۇنداقلا پۈتكۈل خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، فۇنكسىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ؛ يېڭى تارىخىي ئورنى ، بۇرچى ، ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ ؛پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش لازىم .

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : يېڭى دەۋر يېڭى يۆنىلىش ، يېڭى بۇرچ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل ، مەسئۇلىيەت تېخىمۇ زور ؛ يېڭى قاراش تۇرغۇزۇشقا ، يېڭىدىن ئىزدىنىشكە توغرا كەلدى . سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يېڭى دەۋر كۈرەشچىلىرىنىڭ ھالىتى ۋە غەيرىتىنى ساقلاپ ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ ، لاياقەتلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىگە قاتناشقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى بولۇش كېرەك.

  يىغىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ خىزمىتى نىزامى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى . يېپىلىش مۇراسىمىدا گاۋ شياۋمېي قاتارلىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالتە ئەزاسى سۆز قىلدى . شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدىكى ئارال ، تونېل قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ باش ئىنژېنېرى لىن مىڭ تەكلىپكە بىنائەن ”لىڭدىڭياڭدىن ھالقىغان دۆلەتنىڭ مۇھىم قۇرالى ، شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلھامى “ دېگەن تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر