باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاكسىيە نازارەتلىك كومىتېتى ئىناۋەتنى قوغداش قورالى سىنىقىنى باشلىدى

2018.11.05 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ لى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنداق دېدى: ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بېرژا زايوم بازىرىنى تەشكىللەپ، ئىناۋەتنى قوغداش قورالى سىنىقىنى باشلاپ، ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش قورالى ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايومىنى سېتىۋېلىشقا بولغان ئەندىشىسىنى پەسەيتىش يولىدا ئىزدىنىپ، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بەردى.

  گاۋ لى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇنجى تۈركۈمدە خوڭشى پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جىنچېڭشىن كانچىلىقنى باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى، سۇنىڭ ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە جېجياڭ خېڭيى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت تۆت پۇقراۋىي كارخانىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش توختىمى چىقىرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جىنچېڭشىن كانچىلىقنى باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋىي كارخانا ، قالغان ئۈچى تېخى پېيى بازارغا سېلىنمىغان پۇقراۋىي كارخانا.

  ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە كاپىتال بازىرىنىڭ پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداشتىكى ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي، شېنجېن بېرژىسىنىڭ ئىناۋەتنى قوغداش قورالىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىناۋەتنى قوغداش قورالى كەسپىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىمىز ۋە ئىلھام بېرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر