باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەننىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

بۇرچ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

2018.11.02 13:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 31- كۈنى، بىڭتۈەن تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش،مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتىگە، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بىڭتۈەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى»نى ئادا قىلىشى، «تۆت چوڭ رولى»نى جارى قىلدۇرۇشى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، جامائەت پىكرى مەدىتى ۋە مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا بىڭتۈەننىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋال، يېڭى خىرىسنى توغرا ئىگىلەپ، تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن بىڭتۈەندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قوراللاندۇرۇش، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچى ئاممىنى تەربىيەلەش، بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇش؛ توغرا جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، كۈچلۈك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىش؛ غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش؛ بىڭتۈەن مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچى ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش؛ بىڭتۈەننىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  بىڭتۈەن پارتكومى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، 3- شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر