باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2018-يىلىدىن 2022- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانىنى تارقاتتى

2018.11.02 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت «2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۇ پىلاننى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىشى بولسا، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچى ۋە ئۇل خاراكېرلىك، ھەم شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇھىم ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە. سادىق، پاك بولغان ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ھەم كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، بۇ يىرىك پىلان تۈزۈلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە-ئېتىقاد-ئاساسىي مەقسەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈۋرۈكنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن تەلىم-تەربىيە ئېلىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن چېنىقىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ ۋە سىياسەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئىقتىدارغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش ۋە قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تەربىيەلەش، ئىز قوغلاپ تەربىيەلەش ۋە پۈتكۈل جەريان بويىچە تەربىيەلەشتەك ساپا يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدىگەن ھالدا،كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمى بولغان تەربىيەلەش تېخنىكىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەربىيەلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر