باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىلدى

2018.11.05 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلمىي نەتىجىلەرنى تۇنجى ئېلان قىلىش ھوقۇقى ۋە ئۇنى تېز ئۈنۈملۈك تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 868 خىل ئىلمىي ژۇرنال ئىلمىي ماقالىلەرنى ئەڭ دەسلەپ تورغا چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگودىكى ئىلمىي ژۇرناللارنى سىپىرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئەسلىدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن « جۇڭگو ئىلمىي ژۇرناللار تور نۇسخىسى» رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا جۇڭگودا نەشر قىلىنغان تۈرلۈك ئىلمىي ژۇرناللار ئاشكارا كۆرسىتىلدى، بىر يىلدىن بۇيان، « مالىيە تەتقىقاتى»،« ئىلىم پەن ئاخباراتى»،« ئىقتىساد تەتقىقاتى» قاتارلىق جۇڭگودىكى 868 خىل ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نۇسخىسى كىرگۈزۈلۈپ، ئىلمىي ماقالىلەرنى توردا تۇنجى ئېلان قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېرىلگەن ماقالە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەغەز نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىش ۋاقتىنى ساقلىماي، توردىكى تۇنجى ئېلان قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك ئىلىم نەتىجىسىنى تۇنجى ۋاقىتتا ئېلان قىلسا ياكى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە تارقاتسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر