باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى

(2018-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.03.28 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىنچى، نىزامنامە ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 1-ئابزاسىدىكى «ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا» دېگەن جۈملە «ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات داۋامىدا» دەپ تۈزىتىلدى؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان» دېگەن جۈملىنىڭ كەينىگە «ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىدىغان» دېگەن جۈملە قوشۇلدى؛ «بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان» دېگەن جۈملە «بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان» دەپ تۈزىتىلدى. بۇ ئابزاس مۇناسىپ ھالدا: «جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىدىغان، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار قاتناشقان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى قۇردى» دەپ تۈزىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر