باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلار يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يىللىق مائاش تۈزۈمى ۋە پاي ھوقۇقى، قەرەللىك ھوقۇق بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشنى سىناق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ

رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ماھارىتى ئۈستۈنلەرگە كۆپ مائاش بېرىلىدۇ

2018.03.27 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تاڭ تاۋ 26-مارت گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز تېخنىك ئىشچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەقسىمات تۈزۈمى، نورمال مائاش ئۆستۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەمىناتى ۋە ئىجتىمائىي تەمىناتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماھارىتى ئۈستۈنلەرگە كۆپ مائاش بېرىدۇ.

  يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلار دېگەن نېمە؟ تاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مەملىكەتلىك «1 -ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر، جۇڭخۇا ماھارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز ئۆلكىسىنىڭ كەسىپ ئەھۋالى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتكەن «يۇقىرى، نازۇك، ئۆتكۈر، كەمچىل» كەسىپنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ سىياسىي تەمىناتى ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ پارتكوم بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن ئالاھىدە مۇكاپاتلاپ ئىلھاملاندۇرۇش ۋە كارخانىلارنى ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ تىجارەت باشقۇرۇش تەدبىرى چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىقتىسادىي تەمىناتى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاساسلىقى كارخانىلار يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا كەسىپ تەرەققىيات پىلانى تۈزۈش ۋە ئىستاژىغا قاراپ مائاش بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يىللىق مائاش تۈزۈمى ۋە پاي ھوقۇقى، قەرەللىك ھوقۇق بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشنى سىناق قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئالاقىدار تەمىناتلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ياكى نەقلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تۆھپىسىگە ئاساسەن ئۈنۈم مۇكاپاتى بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ؛ ئىجتىمائىي تەمىناتى ئۆستۈرۈلىدۇ، تۇرالغۇ، ئولتۇراقلىشىش، پەرزەنت تەربىيەسى، چوڭ شەھەرلەردە نومۇر جەملەپ نوپۇسقا ئېلىش جەھەتلەردە ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت پەن تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزگىچە، قالتىس، تەڭداشسىز ماھارىتىنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىشنى كۈچەيتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر