باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ

ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى رېۋىزىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2018.03.27 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا يېپىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا رېۋىزىيە قانۇنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بەردى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە توغرا ئىگىلەش پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئاپىرىدە بولغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى، بولۇپمۇ چىرىكلىك دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدا، ھازىر بار بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزملىرى ۋە ۋاسىتىلىرى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى ئارىسىدا يەنىلا زور پەرق بارلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. تۈزۈلمىدىكى يېتەرسىزلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش فۇنكسىيەسى زىيادە تارقاق بولۇش، ھەر قايسى ئاپپاراتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى ئوخشاش بولماسلىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولماسلىق، مەسئۇلىيەت ئارىلىشىپ كېتىش، تەكرارلىنىشتا گەۋدىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىدىكى تەپتىش ئوبيېكتلىرى ئىچىگە قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار، شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەت ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى كىرگۈزۈلمەي، مەمۇرىي تەپتىش قىلىشتا قارىغۇ رايون مەۋجۇت بولدى. ۋاسىتە-تەدبىرلەرنى تەقسىملەشتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى، تەپتىش ئورگانلىرى تەھقىقلەش ھوقۇقىنى دېلو بېجىرىش ئەمەلىيىتىدە ياكى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، ياكى ئۆز-ئارا ئېلىپ پايدىلىنىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، ئەمەلىي قوللىنىش ئۈنۈمىنى چەكلەپلا قويدى، شۇنداقلا تۈزۈمنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ يۈرگۈزۈلۈشىگە تەسىر كۆرسەتتى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مەركەز بېيجىڭ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىدە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشتى. يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»نى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان سەككىز تەدبىرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى ۋە «دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت رېۋىزىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى رېۋىزىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر