باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى-

غەربىي ئەللەرنىڭ رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسىگە قارىتا، بىز جۇڭگو تەرەپ شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ئالاقىدار دۆلەتلەر زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك، دېدى.

2018.03.28 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 27- مارتتىكى سۆزىدە، غەربىي ئەللەرنىڭ رۇسىيە دىپلوماتىيە خادىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسىگە ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ئالاقىدار دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىشى، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرقانداق تەدبىردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن 27- مارت قەرەللىك ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھازىرقى ئەھۋالغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە شۇنداق دەپ قارايمىزكى، «سىكېرىپال» ۋەقەسى پاكىتلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئاساستا ئەنگلىيە-رۇسىيە ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرقانداق تەدبىردىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر تەپەككۇرى ۋە قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ، ئورتاق تىرىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىدىغان، ئادىل-ھەققانىي ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر