باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلىق ئۈنۈمىدە باشلىنىش ياخشى بولدى

پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 ئاشتى، بۇلتۇر 12-ئايدىكىدىن 5.3 پىرسەنت پوئىنت تېزلىدى

2018.03.28 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-مارت ئېلان قىلغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 1-،2-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2017-يىلى 12-ئايدىكىدىن 5.3 پىرسەنت پوئېنت تېزلەپ، تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىدە باشلىنىش ياخشى بولغان.

  كارخانىلار پايدىسىنىڭ ئېشىشى تېزلەپ، نۇرغۇن كەسىپلەردە ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. 49 سانائەت چوڭ تۈرى ئىچىدە، 29 كەسىپنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، بىر كەسىپنىڭ تەڭلەشكەن، 11 كەسىپنىڭ تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كانچىلىق كەسپىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 87 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.1 ئاشقان؛ ئېلېكتىر، تېرمودىنامىكا، يېقىلغۇ گاز، سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ پايدا سوممىسى 71 مىليارد 110 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %35.2 ئاشقان؛ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 810 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %12.5 ئاشقان. مېتاللوئىد مىنېرال مەھسۇلاتلىرى كەسپى، نېفىت، كۆمۈر ۋە باشقا يېقىلغۇ پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كەسپى، ئېلېكتىر، تېرمودىنامىكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى، تېببىي دورىگەرلىك كەسپىدىن ئىبارەت بەش كەسىپ پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى جەمئىي 8.4 پىرسەنت پوئىنت تېزلىتىشكە تۈرتكە بولغان.

  سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاش بىلەن بىللە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، يۈرۈشۈش سۈپىتى داۋاملىق ئۆسكەن. بىر تەرەپتىن، پايدا ئېلىش ئىقتىدارى داۋاملىق ئاشقان. 1-،2-ئايدا كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمى 15 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان؛ ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى %6.1كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.33 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلارنىڭ تەننەرخى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. 1-،2-ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر يۈز يۈەنلىك ئاساسىي تىجارەت كىرىمىنىڭ تەننەرخى 83.98 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.33 يۈەن تۆۋەنلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر