باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى

(2018-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.03.05 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك قارار چىقىرىلدى:

  1. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز سوتسىيالىزم ئاساسىي تۈزۈمىنى بېكىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەت مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىشى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ، پارتىيەمىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇپ، پىلانلىق ئىگىلىك شارائىتىدىكى ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسىغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت چوڭ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر