باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تونگا پادىشاھى تۇپۇVI بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2018.03.02 16:12   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ تونگا پادىشاھى تۇپۇVI بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- مارت خەلق سارىيىدا تونگا پادىشاھى تۇپۇ VI بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو-تونگا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ تۇپۇ VI نىڭ جۇڭگو-تونگا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم تونگانىڭ يېقىندا ئوراگان ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 20 يىل ئىلگىرى، پادىشاھ تۇپۇ VI دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو بىلەن تونگانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىغا ئىمزا قويۇپ، جۇڭگو-تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تارىخىي تۆھپە قوشقانىدى. تونگا خان جەمەتىنىڭ جۇڭگو-تونگا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
    ·بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ
    ·كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى