باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن بەش يىلدا ئالتە جەھەتتە ئاساسلىق تەسىراتقا ئىگە بولدۇق

2018.03.04 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 3-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغاندا، بەش يىلدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلىيەت، ئىزدىنىش جەريانىدا بەزى پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلاپ، بەزى قانۇنىيەتلىك تونۇش ۋە تەسىراتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئالتە جەھەتتىكى تونۇش ۋە تەسىرات تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ؛ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئۇل تېشى؛ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى ئاساسىي قوللانما؛ ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى باش تېمىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە بەلگىلىك ئالاھىدىلىكى؛ ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۈزۈلمەس تۈرتكىسى؛ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر