باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ شەھىرىنىڭ خېڭكەنتۇ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يازدى

«يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ،تىرىشىپ باي، مەدەنىي، ياشاشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىڭلار»

2018.03.02 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ شەھىرى لياڭنۇڭ بازىرىنىڭ خېڭكەنتۇ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ باي، مەدەنىي، ياشاشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. 15 يىلنىڭ ئالدىدا كەنتىڭلارغا بارغان چاغدىكى مەنزىرىلەر ھېلىمۇ ئېسىمدە، يۇرتداشلارنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇردۇم. بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، قىزىل ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، كەنتنى يىراق-يېقىنغا داڭلىق ھاللىق كەنت، مەدەنىي كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپتۇ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر