باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق ئىككى يىغىننى تەسۋىرلەش

ئاچقۇچلۇق سۆز: قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش

2018.03.05 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل سۈن بىڭنىڭ سۆزى (خۇبېي ئۆلكىسى جىڭمېنشەھەر باشلىقى):

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشى قاتارلىق بىر قاتار قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇش، ھەمدە «ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغائادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىش» ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشى بولۇپ قالدى.

  قانۇنىي قارارنى ئىجرا قىلىشتىكى رەسمىيەتلەر قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدۇر. نۆۋەتتە، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» ھۇجۇم قىلىپ بوسۈپ ئۆتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەل باسقۇچىغا كىردى. بۇ بىر مەيدان مۈشكۈل جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، توردا ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش-كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىناۋىتىنى تىكلەش بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق سىستېمىلارنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئىجرا قىلغاندىن باشقا، يەنە نازارەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېلو ئىجرا قىلىش جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە، شۇ ئارقىلىق، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشتا «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرلىق باشقۇچ»تا توسۇلۇپ قالىدىغان مەسىلىسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  (خەلق گېزىتى مۇخبىرى فەن خاۋتيەن جياڭ لىن رەتلىدى)

  ۋەكىل جېڭ چۇەنجيۇنىڭ سۆزى (گۇيجۇ ئۆلكىسى جېنئەن ناھىيەسى فېڭيى بازىرىدىكى دېھقان):

  نەچچە يىلدىن بېرى، دېھقانلارنىڭ قانۇننى بىلىش ۋە قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. يەر ماجىراسى ۋە قوشنىلار ئارا تالاش-تارتىش دېگەندەك ئىشلار يۈز بەرگەندە، كۆپچىلىك قانۇندىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى ئويلايدىغان بولدى، بۇرۇنقىدەك قاراملىق بىلەن ھەل قىلمايدىغان بولدى. پۇقرالارنىڭ قانۇنغا بارغانسېرى ئىشىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ھەقىقىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى كۆردى. ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە تارماقلىرى دائىم كەنتكە كىرىپ قانۇن تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، سەييارە سوت كوللېگىيەسىنى ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ كەلدى، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنىڭ قولايلىق يولى تاپتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  بىراق، يېزىلاردا، يەر ئېلىش، تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئاسانلا مەسىلە چىقىدۇ، ئەدلىيە تارماقلىرى بۇ خىلدىكى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى كۈچنى نامايان قىلىپ، يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  (خەلق گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىچيۇ، چېڭ خۇەن رەتلىدى)

  ۋەكىل جاۋ سىشۆنىڭ سۆزى (سىچۈەن جياڭئەن ناھىيەسى دىپېڭ بازىرى ۋېنۋۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى):

  مەن ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغىلى 26 يىل بولدى، نۇرغۇن قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىنى بېشىمدىن كەچۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان. بۇ بەش يىلدىن بۇيان، قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. سوت مەھكىمىسى سەييارە سوت قىلىش ۋە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، مەن ئۆي ئىشلىرىنى تەڭشەش خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوت قىلىش جەريانىدا كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلىشقا قاتناشتىم.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يەنە چوڭ دېلولارنى سىرتتىن ئاڭلاپ قارار قىلىشقا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىندىم. نەچچە يىلدىن بېرى، سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى كەڭ يېزىلاردا قانۇن ئىدارە قىلىش ھەيئىتى تۈزۈمى ئىلگىرى سۈرۈلدى. نەتىجىدە بۇلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زىددىيەتلىرى ۋە ماجىرالىرىنى پەسەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خىل ئۇسۇلنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئائىلە ئىشلىرىنى سوت قىلىش ئىسلاھاتى بىلەن تۇتاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئائىلە ماجىراسىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  (خەلق گېزىتى مۇخبىرى چى جېمىڭ، جاڭ ۋېن رەتلىدى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر