باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يولداش ياڭ رۇدەينىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

2018.03.03 16:02   مەنبە: خەلق تورى

يولداش ياڭ رۇدەينىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

  يولداش ياڭ رۇدەينىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن يولداش ياڭ رۇدەينىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ۋىدالاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 8-، 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج ك پ سىچۈەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى يولداش ياڭ رۇدەينىڭ جەسىتى 2-مارت بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

  يولداش ياڭ رۇدەي 2018-يىلى 24-فېۋرال سائەت 17 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن 92 يېشىدا ۋاپات بولدى.يولداش ياڭ رۇدەينىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن يولداش ياڭ رۇدەينىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  2-مارت چۈشتىن بۇرۇن باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى سۈكۈتكە چۆمگەن بولۇپ، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا قويۇلۇۋاتاتتى. زالنىڭ ئۇدۇل تېمىغا ئاق رەڭدە «يولداش ياڭ رۇدەيگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان قارا پىلاكات، ئاستىغا يولداش ياڭ رۇدەينىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش ياڭ رۇدەينىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا ئارىسىغا ياتقۇزۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل بايرىقى يېپىلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە يولداش ياڭ رۇدەينىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش ياڭ رۇدەينىڭ جەسىتىگە ئۈچ تەزىم قىلدى ھەم ياڭ رۇدۇەينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرىمۇ ۋىدالاشقىلى كەلدى ياكى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش ياڭ رۇدەينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كېلىپ ۋىدالاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
    ·بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ
    ·كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ